ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا رىئايە قىلىش قوللانمىسى ئېلان قىلغان

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 2022-يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا رىئايە قىلىش قوللانمىسى ئېلان قىلغان.

«لېكسولوگىيە» (Lexology) تورىدا ئېلان قىلىنغان تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەزكۇر قوللانما ئۈچۈن مەخسۇس تور بېكىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتمىلەر، سوئال-جاۋابلار، تور مۇھاكىمە يىغىنلىرى، رەسىم ۋە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خىتايدىن مال ئىمورت قىلغۇچى شىركەتلەرگە قەرەللىك تۈردە مەكتۇپ يوللاپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى توغرۇلۇق ئۇچۇر ۋە كۆرسەتمە بېرىدىكەن. ئەگەر مال ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلسا، ماللىرىنىڭ تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقى، مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقى ياكى جارىمانە قويۇلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ ھەقتە كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى تۈزمىگەن، ئەمما خىتايدىن مال ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەرنىڭ چوقۇم «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئەمەل قىلىشىنى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا چېتىلىپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا رىئايە قىلىش قوللانمىسىدا مال تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ مال مەنبەسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش، ئەگەر ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بولۇپ قالسا دەرھال شىركەت ئالماشتۇرۇش، مال سېتىۋېلىش توختىمىغا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ۋە شىنجاڭدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى چەكلەش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى قوشۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە شىنجاڭدىن مال سېتىۋېلىش ھەققىدە يىللىق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش قاتارلىق كۆرسەتمىلەر بېرىلگەن.