كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى: «تاموژنا ئۇچۇرلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.11.22

دۇنيادىكى 50 نەچچە تەشكىلات ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا-ئىقتىساد ۋە تاموژنا دائىرىلىرىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاموژنا ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رەۋىشتە ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلار كومىسسارى پائولو گېنتىلونىغا ۋە ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ بازار، سودا، مۇھىت-دېڭىزچىلىق ھەم تاموژنا كومىسسارلىرىغا، شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالاقىدار كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا يېزىلغان مەزكۇر ئوچۇق خەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاموژنا قانۇنى ئىسلاھات پىلانىنىڭ قارشى ئېلىنىدىغانلىقى، بىراق بۇ پىلاننىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ھەم سودا ئۇچۇرلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

ئوچۇق خەتتە كۆرسىتىلىشىچە، سودا، تاموژنا ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاممىغا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى «ئەزا دۆلەتلەرنىڭ شىركەت ۋە دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت مەسىلىلىرىگە دائىر خەۋپلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن».

ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «تاموژنا ئۇچۇرلىرىغا ئاسان ئېرىشىش خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تراگېدىيەلىك ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىشتا ئوينايدىغان رولى ۋە تاموژنا ئۇچۇرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھەل قىلىشقا قانداق تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە».

ئوچۇق خەتتە كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا قىسمەن ئېرىشىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن سودا ئېقىمىغا ئائىت مۇھىم دەلىللەرنى تەمىنلەپ، كىيىم-كېچەك، ئېنېرگىيە ۋە يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە ئاكتىپ بولغان شىركەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك بولۇش يوشۇرۇن خەۋپى توغرىسىدا ئۇچۇرلاندۇرىدىكەن. بۇ ئوچۇق خەتكە «خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى»، «ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئاياللار جەمئىيىتى»، «گېرمانىيە ئەخلاقىي شېرىكچىلىك جەمئىيىتى»، «پاكىز كىيىم-كېچەك ھەرىكىتى»، «ياۋروپا سودا ئۇيۇشمىسى ئىتتىپاقى» قاتارلىق 56 تەشكىلات ئىمزا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.