خىتايدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مۇزېيى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن تاقاپ قويۇلغان

«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا ئائىت بىردىن - بىر مۇزېي خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ شەنتوۋ شەھىرىدە 2005- يىلى سابىق يەرلىك كومپارتىيە ئەمەلدارى بولغان پېڭ چيەننىڭ يېتەكچىلىكى ۋە نۇرغۇن خۇسۇسىي ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ ياردىمى بىلەن مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلارنى ئەسلەش ئۈچۈن بىر مۇزېي قۇرۇلغان ئىكەن.

ئون يىلدىن بۇيان توسالغۇسىز ھالدا ئوچۇق تۇرغان بۇ مۇزېيدا يېقىندىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ مۇزېي جايلاشقان باغچىنى رەتلەش، تۈزەش دەيدىغان باھانىسى بىلەن تاقىلىپ قالغان. مۇزېينىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي توسۇۋېتىلگەن. مۇزېي سىرتىغا جايلاشتۇرۇلغان پىلاكاتلار ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىسىملىرى ئويۇلغان تاش خاتىرىلەر، ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسى ھەر خىل رەڭلىك كومپارتىيە تەشۋىقاتى يېزىلغان پىلاستىكلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن.

مۇزېينىڭ قۇرغۇچىسى پېڭ چيەن «نيۇيورك ۋاقتى » گېزىتى مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتقان ۋە «بىز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەڭ ئېچىۋېتىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇزېيىمىز تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ، دەپ ئويلىغان. ئەپسۇسكى بىز باھارنى كۈتۈپ ئولتۇرساق، قىش كېلىپ قالدى» دېگەن. ئۇ شۇنداقلا يەنە بۇ مۇزىينى تاقاش بۇيرۇقىنىڭ يۇقىرىدىن كەلگەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى شەنتوۋنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىگە تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. تېلېفونغا چىققان ھۆكۈمەت خادىمى سوئالنى ئاڭلاپلا تېلېفوننى قويۇۋەتكەن. خەۋەردە ئېيتىشىچە، مۇزېينىڭ تاقىلىشى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىنكى قاتتىق سىياسىي رېجىمغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.