خىتاينىڭ «تارىم دەرياسىنى گۈللەندۈرۈش» پىلانى كۆزەتكۈچىلەردە گۇمان قوزغىماقتا

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن باشلانغان تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى 700 مىڭ مو كۆلەمدىكى توغراقلىقلاردا زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش تۈرى يولغا قويۇلغان.

مەلۇمكى، بىڭتۇەن ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەرقايسى دىۋىزىيەلەر بوز يەر ئېچىش شۇئارى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا «ئانا دەريا» دەپ قارىلىدىغان تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ بىڭتۇەننىڭ بۇ جايدىكى ھەرقايسىي دىۋىزىيە ۋە پولك مەيدانلىرى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنىنىڭ سۈيىنى بۆلۈپ ئىشلىتىش، توغراقلىقلارنى كېسىپ بوز يەر ئېچىش، كۆپلەپ سۇ ئامبىرى ياساشتەك سۈنئىي بۇزغۇنچىلىقلار ئارقىلىق، بۇ جايلارنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەسى ھەمدە ئىجتىمائىي مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا يىللاردىن بۇيان غايەت زور كۆلەمدە بوز يەر ئېچىش تۈپەيلىدىن ئەسلىدىكى سۇ مىقدارى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن، شۇنداقلا ئەسلىدە لوپنور كۆلىگىچە ئېقىپ بارىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق تۆۋەن ئېقىنى قۇرۇپ كەتكەن.

ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى «تارىم دەرياسىنى گۈللەندۈرۈش» پىلان-قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بۇ رايوننىڭ سۇ مەنبەسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە زور مىقداردا مەبلەغ سالماقتا. رادىيومىز، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بۇ جايلارغا سۇ قويۇپ بەرگەنلىكى توغرىلىق 2020-يىلى سېنتەبىردە مەخسۇس خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، تارىم دەرياسىغا بىر مىليونغا يېقىن سازاڭ بېلىق قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، سۇ جانلىقلىرىنى كۆپەيتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى يىللاردىن بۇيان چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمۇد شەھىرىدىن كورلاغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى بۇ كەڭ رايونلارنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، بۇ جايدىكى 700 مىڭ مو كېلىدىغان توغراقلىقلارنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى، كۆزەتكۈچىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدە زور مىقداردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دىگەن تەخمىننى كۈچەيتمەكتە.