خىتاي ھۆكۈمىتى تارىم دەرياسىغا يەنە سۇ قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان

خىتاي دائىرىلىرى تارماق ئېقىملىرى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ سۇ ئامبارلىرى ئارقىلىق كونترول قىلىنىپ، دەريا ھاۋزىسىدىكى دەرەخ ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىدە قالغان تارىم دەرياسىغا 11-ئاۋغۇست كۈنى لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى داشىخەيزى سۇ ئامبىرىدىن سۇ قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، داشىخەيزى سۇ ئامبىرىدىن تارىم دەرياسىغا سۇ قويۇپ بېرىش رايوننىڭ ھازىر داۋاملىشىۋاتقان ئېكولوگىيەلىك قوغداش تۈرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋەردە، 12-ئاۋغۇستتىكى سۇ قويۇپ بېرىشنىڭ تارىم دەرياسىنى ئېكولوگىيەلىك قوغداش تۈرى بويىچە 2000-يىلدىن بېرى يولغا قويۇلغان 25 قېتىملىق سۇ قويۇپ بېرىشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق تۇغاننى ئېچىۋېتىشى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تارىم دەرياسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تارىم دەرياسى ھاۋزىسىدىكى توغراقلىقلارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 510 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇپ بېرىشنى پىلانلىغان. خەۋەرلەردە 8-ئاۋغۇست كۈنىگىچە 346 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇپ بېرىلىپ بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. لېكىن خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى كۆجۈملەشكەن توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى رايونغا تېخىمۇ كۆپ مەركەزلەشتۈرۈشى، سۇغا بولغان ئېھتىياجنى، شۇنداقلا مۇھىتقا بولغان بېسىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، 2000-يىلدىن 2023-يىلغىچە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا توققۇز مىليارد 830 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. بۇ قېتىم سۇ قويۇپ بېرىلگەن داشىخەيزى سۇ ئامبىرى بىڭتۈەن 2-دىۋىزىيەسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ سۇ ئامبىرى 1972-يىلى پۈتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ 320 كىلومېتىرلىق قىسمى پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەن. ئارقىدىن 1974-يىلى تېتىما كۆلىمۇ قۇرۇپ كەتكەن ئىدى. 1993-يىلى داشىخەيزى سۇ ئامبىرىنىڭ ئۆزىمۇ قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، 2014-يىلى بۇ سۇ ئامبىرى بىڭتۈەندىن تارىم دەرياسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى.