خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىرىكىتى ھېسابلىنىدىغان تارىم نېفىتلىكى قۇرۇلۇپ، 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تارىم ۋادىسىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كىرىشكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 24-نويابىر كۈنى تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت مىليون ئاھالىنىڭ قىشلىق مەزگىلىنى ئىللىتقانلىقى ھەققىدە باش خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تارىم نېفىتلىكى 2010-يىلىدىن ئېتىبارەن خەلققە تەبىئىي گاز پايدىسى يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى باشلىغان بولۇپ، بىر ئاي ئىلگىرى تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى 42 ناھىيىنىڭ 4 مىليون ئاھالىسى تەبىئىي گاز دەۋرىگە كىرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنىڭ نېفىتىنى شەرققە يۆتكەش، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرگىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولۇپ، تارىم ۋادىسىدىن ئېلىنغان تەبىئىي گازلار غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈلۈپ، ئىچكىرىدىكى 13 ئۆلكىنىڭ 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسىنى تەمىنلىگەن ئىدى. ئەمما تارىم ۋادىسىدىكى ئاھالىلەر 2013-يىلىدىن ئېتىبارەن تەبىئىي گاز دەۋرىگە كىرگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى لوپ ناھىيىسىدىكى روزى مەمەت ئابدۇقادىر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر دېھقاننى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ يىل تەبىئىي گاز دەۋرىگە كىرىپ، قىشنى كۆمۈر قالىماي، خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، تارىم نېفىتلىكى بۇ يىل 70 مىليون كۇبمېتىر تەبىئىي گاز ئېلىش دەرىجىسى ياراتقان بولۇپ، ئۈچ يىل ئىچىدە پۈتۈن تارىم ۋادىسىنى گاز تۇرۇبىسى تورى بىلەن قاپلىتىشنى پىلان قىلغان.
