خىتاي دائىرىلىرى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونىنى كۆكەرتىشنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تارىم دەرياسى ۋادىسىنى «ئۇنىۋېرسال تۈزەش پىلانى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە بۇ جايلارغا سۇ يەتكۈزۈش قاتارلىقلار مەقسەت قىلىنىدىكەن. يېقىندا ئەنە شۇ پىلان بويىچە تارىم دەرياسىغا باشقا دەريا ئېقىنلىرىدىن توپلانغان سۇلارنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق دەريانىڭ سۈيىنى كۆپەيتىش ۋە ئېقىنىنى تېزلىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە 2000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى-تارىم دەرياسىنىڭ 1950-يىللاردىن بۇيان يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنلىرىدا سۇنىڭ زىيادە كۆپ ئىشلىتىلىشى نەتىجىسىدە، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونىغا سۇ بارالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ 300 كىلومېتىر قىسمى قۇرۇپ كەتكەنلىكى ۋە كۆپلىگەن تارماق ئېقىنلارنىڭمۇ ئوخشاشلا قۇرۇپ كەتكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى رايونى، يەنى ئارال قاتارلىق رايونلارنى مەركەز قىلىپ، 1950-يىللاردىن ئېتىبارەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 1-دىۋىزىيەسىنىڭ 16 پولكى، كورلانى ئاساس قىلىپ، 2-دىۋىزىيەنىڭ 14 پولكى دەريانىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرى رايونىنى كونترول قىلغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ قۇرۇلۇشى ۋە كۆكەرتىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن زور كۆلەمدە مەبلەغ ئاجراتقان، ھەتتا خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى تىبەت ئېگىزلىكىدىكى يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەكلىماكانغا باشلاپ، كەلگۈسىدە بۇ رايونغا زور ساندا ئاھالە ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.