خىتاي «شىنجاڭ تارىخى» نى قايتا شەرھلەشنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا كىرىشمەكتە
2024.05.24
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقاتچىلىرى، تارىخشۇناسلىرى ۋە ئارخېئولوگلىرىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ تۈرمە-لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخىنى قايتا شەرھلەشكە كىرىشكەنىدى. نۆۋەتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى» دېگەن سىياسىي نۇقتىنى چىقىش قىلغان ئۇيغۇر دىيارى تارىخىنى قايتا شەرھلەشنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا كىرىشكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
خىتاينىڭ دۆلەتلىك مىللەتلەر كومىتېتىنى تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قانچە ئالىي مەكتەپ بىرلىشىپ قەشقەر شەھىرىدە «شىنجاڭنىڭ تارىخىي ۋە كەلگۈسى» ناملىق بىر خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرماقچى ئىكەن.
بۇ خىتاي كومپارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغان 1949-يىلدىن بېرى، تۇنجى قېتىم قەشقەر شەھىرىدە ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ تارىخىي ۋە كەلگۈسى» ھەققىدە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىشى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يىغىننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقاتچىلىرى، تارىخشۇناسلىرى، ئارخېئولوگلىرى، تىل ۋە فولكلورشۇناسلىرىنى تۈرمە لاگېرلارغا قاماپ، «ئۇيغۇر» نامىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مىراسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا چاقىرىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاي دۆلەتلىك مىللەتلەر كومىتېتى تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان بۇ يىغىنغا خىتاي، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، مىسىر، رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن 100 دەك تەتقىقاتچى تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن. ئەمما قايسى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
خەۋەردە، بۇ يىغىننىڭ «خەلقئارا ئىلمىي ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيە ۋە تارىخ ساھەلىرىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئورتاقلىشىش، شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆز ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» نى مەقسەت قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.