خىتاي تاراتقۇلىرى توقسۇ ناھىيەسىدىن تېپىلغان خەن سۇلالىسىگە ئائىت «تامغا» نى كەڭ تەشۋىق قىلماقتا

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 1953-يىلى ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدىكى ئۈچقات قەدىمىي خارابىلىكىدىن تېپىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر تامغىنى خىتاينىڭ قەدىمدىن تارتىپلا بۇ رايونغا ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ دەلىلى، دەپ كەڭ تەشۋىق قىلماقتا.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۆلەتلىك مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان بۇ تامغا ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ خەن سۇلالىسى خانىدانلىقى تەرىپىدىن بۇ رايوندىكى چياڭ بەگلىكىنىڭ بېگىگە بېرىلگەن ئىكەن. خەۋەردە، خىتايچە «خەن خانىدانلىقىنىڭ چياڭ قارام بېگى» دەپ خەت ئويۇلغان بۇ خىل تامغىنىڭ يالغۇز غەربىي دىياردىكى چياڭ بېگىگە بېرىلىپلا قالماي، ئەينى ۋاقىتتا بۇ رايوندىكى خەن سۇلالىسىگە قاراشلىق باشقا مىللەت بەگلىرىگىمۇ بېرىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتى ئۇنىڭ 2017-يىلدىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر تارىخنى قايتا يېزىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قايتا شەرھىيلەش، ئۇيغۇر رايونىنى خىتايلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئەزەلدىن «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر قىسمى» دەپ قاراشتىن ئىبارەت ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە نۇرغۇن پۇل ئاجرىتىپ مۇزېي ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ئورۇنلىرىنى ئاچقان ياكى قايتا قۇرغان. بۇ ئورۇنلاردا يۇقىرىقىدەك تارىختىكى خىتاي خانىدانلىقلىرىنىڭ ئاتالمىش بۇ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىغا ئائىت «مەدەنىيەت يادىكارلىقلار» نى كەڭ بازارغا سېلىشقا باشلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى تېخى يېقىندىلا توقسۇ بىلەن شايار چېگراسىدىكى «ئۈچقات قەدىمىي خارابىلىكى» نى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ بۇ رايوندىكى «تۇتۇق مەھكىمىسى» نىڭ ئورنى، دەپ جاكارلىغان ئىدى. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ چىن، خەن ۋە ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرلىرىدە ھازىرقى چارقىلىقتىن پامىرغىچە بولغان رايونلاردا قەدىمكى چياڭ قەبىلىلىرى ياشىغان بولۇپ، چياڭلار غەربىي خەن دەۋرىدە «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى» گە قارىغان ئىكەن. خەۋەردە «چاسا شەكىللىك بۇ مىس تامغا خەن ئوردىسى تەرىپىدىن چياڭ قەبىلىسىنىڭ باشلىقىغا بېرىلگەن» دېگەندەك بايانلار يەر ئالغان.