خىتاي «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» ناملىق كىتابىنىڭ ئەڭ قەدىمكى قول يازما پارچىلىرىنىڭ تۇرپاندىن تېپىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلاردا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ قەدىمىي تارىخنامىلىرىدىن بىرى بولغان «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» نىڭ ئەڭ قەدىمكى قول يازما پارچىلىرىنىڭ تۇرپاندىكى ئىدىقۇت خارابىلىقىدىن تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىدىقۇتتىن تېپىلغان بۇ قول يازما پارچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي جىن دەۋرىدە كۆچۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگەنلىكى ۋە بۇ قوليازما پارچىلىرى «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» نىڭ ھازىرغا قەدەر تېپىلغان ئەڭ كونا قول يازمىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» خىتاي غەربىي جىن دەۋرىدە ياشىغان چېن شوۋ تەرىپىدىن مىلادى 280-290-يىللىرى ئارىسىدا يېزىلغان شەرقىي خەن ۋە 3 پادىشاھلىق تارىخىغا ئائىت ئ‍ەسەر بولۇپ، بۇ كىتاب خىتايلار تەرىپىدىن يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن 24 تارىخنىڭ ئالدىنقى 4 كىتابىنىڭ بىرىدۇر. لېكىن خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ قوليازما پارچىلىرىنىڭ 1965-يىلى ئىدىقۇت خارابىلىقىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا بىر ساپال كومزەكنىڭ ئىچىدىن چىققانلىقىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قول يازمىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئارىدىن 57 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەمدى ئېلان قىلىنغانلىقى، قوليازما يېزىلغان قەغەز ۋە يېزىقتا ئىشلەتكەن سىياھنىڭ يىل دەۋرىگە قارىتا كاربون-14 تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلغان-بېرىلمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاتاقلىق ئارخېئولوگى گو مورۇ 1972-يىلى قوليازما پارچىلىرىنى غەربىي جىن دەۋرىدە ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگەن، دەپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىپ 20 يىل ئىچىدە غەربىي رايونغا تارقىلىشى، «ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭ مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشىنىڭ قانچىلىك تېز، تەسىرى چوڭقۇر بولغانلىقىنىڭ دەلىلى» ئىكەن. ھالبۇكى، گو مورۇ ئەينى ۋاقىتتا كەكمەنىر ئىسىملىك ساختا بىر ئۇيغۇر شائىرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، 7-ئەسىرلەردە ياشىغان بۇ شائىرنىڭ خىتاينى ماختاپ شېئىر يازغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن كەكمەنىرنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ ئۆزى پاش قىلغانىدى.