ئەنگىلىيە ۋە ياپونىيە خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تارىخىي كېلىشىم ئىمزالىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.01.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

11-يانۋار كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك (Rishi Sunak) بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا (Fumio Kishida) بىرلىكتە ھىندى-تېنچ ئوكياننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خىتاي تەھدىتىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر ھەربىي كېلىشىمگە قول قويغان.

«مۇداپىيە خەۋەرلىرى» (Breaking Defense) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تارىخىي كېلىشىم ياپونىيە باش ۋەزىرى فومىئو كىشدانىڭ ئەنگىلىيەگە قاراتقان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا ئىمزالانغان.

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىمىسىدىن قارىغاندا، ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان بۇ ھەربىي كېلىشىم (RAA) لوندون بىلەن توكيونىڭ ھىندى-تېنچ ئوكياننى مەركەز قىلغان ھالدا «تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ مۇرەككەپ ھەربىي مانېۋىر ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاش ۋە يەتكۈزۈشىنى كۈچەيتىدىغانلىقى» دىن دېرەك بېرىدىكەن. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، ئەنگىلىيە قوراللىق قىسىملىرى ياپونىيىگە ئورۇنلاشسا بولىدىكەن.

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك شۇ كۈنىدىكى سۆزىدە «ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى سودا ۋە بىخەتەرلىكلا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىمىزمۇ ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كۈچلۈك» دېگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بۇ دۇنيادا ۋە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دېموكراتىك جەمئىيەتلەرنىڭ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ مېڭىشى، ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك مۇھىم».

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ھىندى-تېنچ ئوكياندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشى ۋە ھەمدە توختىماي تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ھەققىدە پاراكەندىچىلىك سېلىشى، رايوندىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتكەن. نەتىجىدە ياپونىيە ۋە ئەنگىلىيە ھەر ئىككى دۆلەت ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كۈچەيتىپلا قالماي، ئۆز-ئارا مۇداپىيە ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنىمۇ كۈچەيتىشكە بەل باغلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.