خىتاي ھۆكۈمىتى 2024-يىلىدا ئۇيغۇر رايونىدا مىڭدىن ئارتۇق «كونا مەھەللىنى ئۆزگەرتمەكچى» ئىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2024-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا مىڭغا يېقىن «كونا مەھەللە» نى چېقىپ تاشلاپ، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنى «يېڭى ئولتۇراق رايون» غا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن «كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىش، ئورتاق مەسلىھەتلىشىش ۋە ئورتاق نازارەت قىلىش» لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە «كونا رايونلارنى ‍ئۆزگەرتىش» ماھىيەتتە خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى «راھەتكە ۋە بەختىيارلىققا ئىگە قىلىش» بولىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2000-يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‍ئۇيغۇر دىيارىدا «كونا رايون» دەپ بېكىتكەن رايونلار بەش مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇلار تۈركۈمگە بۆلۈپ «ئۆزگەرتىلىپ كەلگەن».

بۇ خىلدىكى «كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىش» نىڭ بىر تىپىك مىسال خوتەندىكى «دەريا بويى يېزىسى» نى ئۆزگەرتىش بولۇپ، ئەسىرلەر بويى دەريا بويىنى ماكان قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايونغا «تەرەققىيات» نامى بىلەن كۆچۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئانا ماكانىنى خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە خىتاي شىركەتلىرى ئىگىلەپ، بۇ جاينى ساياھەتچىلىك بازىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىققان.

بۇلاردىن يەنە بىر ئالاھىدە مىسال، 2000-يىلىدىن ئىلگىرىلا باشلىنىپ بولغان قەشقەرنى چېقىش قۇرۇلۇشى بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردىلا خىتاينىڭ بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەر ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى «كونا رايون» دەپ بەلگىلىگەن ئۇيغۇر مەھەللىلىرى چېقىپ، يەرلىك ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى بىر تۇتاش سېلىنغان يېڭى بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈشكە باشلىغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2022-يىلى مارتتا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكىنى ۋەيران قىلىشتىكى كارتىنىلار» ناملىق دوكلاتتا، بۇ خىلدىكى «ئۆزگەرتىپ قۇرۇش» نىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكى كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىدى.