خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى يۆتكەش پىلانى بۇ يىل داۋاملىق كېڭەيتىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى ناھىيەلەردە جىددىي ئىجرا قىلىنماقتا.
شايار ناھىيەلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، مەزكۇر ناھىيەنىڭ بۇ يىللىق پىلانى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نى 15 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلاردىكى ياش يېزا نوپۇسىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ياكى شىمالدىكى سانائەت بازىلىرىغا يۆتكەشنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىشتىكى بىر خىل ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەزكۇر پىلان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلاننى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئومۇمى پىلانى 2019-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شايار ناھىيەسى بۇ يىل 2-ئاي كىرگەندىن بېرى 4000 يېزا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار قىلغان ۋە يېقىنقى بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە 600 ياشنى يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرغان. لېكىن ئۇلارنىڭ قايسى ئۆلكە ۋە سانائەت بازىسىغا يۆتكەلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى «ئىپادىسى ياخشى» دەپ قارالغان ئۇيغۇر، قازاق تۇتقۇنلىرىنى لاگېر ئەتراپىدىكى كارخانىلارغا ھەقسىز ئىشلەشكە يۆتكىمەكتە ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى نۇرغۇن پاختا-توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەرگە يۆتكەپ چىققان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «كېلىۋېي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى» نىڭ شاياردىكى نۇرباغ يېزىسىدا قۇرغان زاۋۇتى ئەنە شۇنداق كارخانىلارنىڭ بىرى ئىكەن.