خىتايچە چىقىدىغان «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش «كونا ۋە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى» بويىچە بۇ يىل ئىچىدە 5001 كونا ئۆينى ئۆزگەرتىش پىلانلانغان. مەزكۇر پىلاننى نويابىرنىڭ ئاخىرى تاماملاش نىشانلان ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 2017-يىلىدىن باشلاپ، شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش نامىدىكى «كونا ئۆيلەرنى چىقىش» ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى. بۇ ھەرىكەت ئۈرۈمچىدە ئاساسلىق تەڭرىتاغ، سايباغ، شىمگو قاتارلىق ئۇيغۇرلار بىر قەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق قۇرۇلۇشلارنى «ئولتۇراق رايونلارنى يېڭىلاش، ئاھالىلەرنى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ، قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش» دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. بىراق چەتئەللەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئولتۇراقلىشىش ئادەتلىرىنى بۇزۇش، توپلىشىپ ياشىشىنى چەكلەش ئارقىلىق كونترول قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى كونا مەھەللىلەرنى چېقىش ئۆزگەرتىش خىزمىتى 2017-يىلى باشلاپ، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر 460 مىڭدىن ئارتۇق تۇرالغۇ ئۆي ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن.
بۇ قۇرۇلۇش يالغۇز ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بۇ يىل 5-ئايدا «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى كونا ئاھالىلەر رايونىنى ئۆزگەرتىش سىناق خىزمەت پىلانى» دەيدىغان بىر يېڭى قۇرۇلۇش پىلانىنى ئېلان قىلغان ۋە سىناق بويىچە ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئاقسۇ، كۇچا ۋە خوتەن شەھەرلىرىدىكى ئاتالمىش كونا ئۆي-مەھەللىلەرنى چاقىدىغانلىقىنى، جەمئىي 1090 مەھەللىدىكى ئالاھازەل 193 مىڭ 400 ئائىلىلىكنى كۆچۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ «كونا ئۆي-مەھەللىلەرنى چېقىش» قىزغىنلىقى چەتئەللىك مۇتەخەسسىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، مۇشۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكا برىن ماۋر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لورېن خانسېن خانىم بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كونا ئۆيلەرنى يېڭىلاش» نامىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى چېقىش ھەرىكەتلىرىنى «زېمىن بىلەن كىملىك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ۋە شۇنداقلا مۇتلەق كونتروللۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان،» دەپ چۈشەندۈرگەن.