خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا تۈركۈملەپ يەرلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر دېھقانلىرى سىرتقا كۆچۈرۈلمەكتىكەن

يېقىندا يېڭىسار ناھىيەسىدىن 45 كىشى ئاتالمىش «نامراتلىقنى تۈگىتىپ، گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن يول ئېچىش» دېگەن نامدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىنغان.

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت تورى 16-دېكابىر تارقاتقان مۇناسىۋەتلىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئۇزىتىلغان بۇ 45 كىشى ئۈرۈمچىدىكى نان مەدەنىيىتى سانائەت باغچىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 2-تۈركۈمدىكى «خىزمەتچىلەر» ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە يېڭىسار ناھىيەسىدىكى تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىدە ئوقۇش جەريانىدا نان يېقىش تېخنىكىسىنى تولۇق ئىگىلىگەن ھەم ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن 26 ياشلىق ئەرشىدىن ئىسىملىك بىر يىگىتنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. ئۇ سۆزىدە «مەن خىزمىتىم بولغانلىقىدىن بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ‹تىرىشقاندىلا بەختلىك بولغىلى بولىدۇ› دېگەنىدى. مەن ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئائىلەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمەن،» دېگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىلىدىن بۇيان يېڭىسار ناھىيەسىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى-سىرتىدا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار» 3000 ئادەمدىن ئاشىدىكەن. ھالبۇكى، 18-دېكابىر «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى بىڭتۇەننىڭ ئىككىنچى قارار ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر بېسىلغان.

خەۋەردە 2018-يىلىدىكى 2-قارارلىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ 1720 ئائىلە قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى، مەركەزنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن 51 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغانلىقى بايان قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا جايلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا يۆتكىلىشى ھەمدە خىتايلارنىڭ ئەمىن ئۆيلەردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۇيغۇر رايونىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشنىڭ بىر ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.