خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى قايتا تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.04.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 20-ئاپرېل قايتا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى قايتا تەلەپ قىلدى.

چاقىرىقنامىدە، تاشپولات تېيىپنىڭ 2017-يىلى غايىب بولغاندىن بېرى ئىزچىل خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا قارىتىلغان داۋا ھەم ئەيىبلەشلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكى، كىشىلەرنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۇنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئۇنىڭدا، «تاشپولات تېيىپنىڭ جازاسىنى ئىجرا قىلىش پىلانى دەرھال توختىتىلىشى»، ئۇنىڭ «بىرەر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىگە دائىر خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئىشەنچلىك ۋە يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات بولمىغۇچە شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە ئادىل سوتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنمىغۇچە دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك» لىكى بىلدۈرۈلگەن.

پروفېسسور تاشپولات 2017-يىلى گېرمانىيەگە بىر خەلقئارا يىغىنغا قاتنىشىشقا كېتىۋېتىپ، بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنغان. كېيىنرەك ئۇنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان.

بۇ ئەھۋال خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ب د ت خىتاينىڭ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغا ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 20-ئاپرېل ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، تاشپولات تېيىپنىڭ مەخپىي ۋە ناھەق سوتلانغانلىقى، «خىتاينىڭ ئىنچىكە پىلانلانغان مەخپىي سىستېمىسىنى قوللىنىپ، ئۆلۈم جازالىرىنىڭ كۆلىمىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقى» تەنقىدلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.