«لوس-ئانجېلىس ۋاقتى» گېزىتى: «خىتايدىكى تاشپولات تېيىپنىڭ مەسىلىسى كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.09.30

ئامېرىكانىڭ «لوس-ئاجېلىس ۋاقتى» گېزىتى28‏-سېنتەبىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپ توغرىسىدا ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، تاشپولات تېيىپتەك «دۇنياۋى سەۋىيەدىكى بىر تەتقىقاتچى» نىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى خىتاي تەرىپلەپ كېلىۋاتقان «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ كۈلكىلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بۇ يىل 61 ياشلىق تاشپولات تېيىپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» نامىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا يوللانغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈلگىلىك بىر گىراژدان بولۇپلا قالماي، «دۇنياۋى سەۋىيەدىكى بىر تەتقىقاتچى» شۇنداقلا «تىرەن ئىنسانى سۈپەتلەرگە ئىگە»، «بۈيۈك بىر ئالىم» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە فىرانسىيەدىكى پارىژ ئالىي پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پرېزىدېنتى مارىيا فرانسشىئوس كورېلنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. مارىيا فرانىسشىئوس كورېل تاشپولات تېيىپقا باھا بېرىپ، «گەرچە ھۆكۈمەت نۆۋەتتە ئۇنىڭغا ئەجەللىك، جىسمانىي ۋە روھىي بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىز ئىنتىقام ئارزۇسىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ئادەم ئەمەس. . . ئەگەر ئەركىنلىكىگە ئېرىشسە، ھەر ۋاقىتتىكىدەك باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلغان بولاتتى،» دېگەن.

«لوس-ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى» يەنە تاشپولات تېيىپنىڭ ئامېرىكادىكى ئىنىسى نۇرى تېيىپنى زىيارەت قىلغان. ماقالىدە تاشپولاتنىڭ ئىنىسى ئۈچۈن بىر ئۈلگە ئىكەنلىكىنى، نۇرى تېيىپنىڭ ئاكىسىغا ئەگىشىپ چوڭ بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ياپونىيەلەردە ۋالىبول ئوينىغانلىقى ۋە ئوقۇغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. ماقالىدە يەنە2017‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان تاشپولاتنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوقلۇقى، ئۇنىڭ تەقدىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋە تەتقىقاتچىلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تاشپولات تېيىپ ھەققىدە ھەرىكەت قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب ئالالمىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا «بىز ھېچقانداق بىر ئەمەلىي ئىنكاس كۆرمىدۇق. . . بۈگۈنكى رەھبەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا ئەخلاقىي يېتەكچىلىك خاھىشى ئاجىز» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.