قىرىم يېرىم ئارىلى رۇسىيە تەرىپىدىن قايتىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيان، قىرىمدىكى تاتارلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بېسىملار خۇددى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوخشاشلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
رۇسىيە دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى ئىشغالىيەت ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇش، يەرلىك قىرىملىقلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تاتار پائالىيەتچىلىرىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە تۇتقۇن قىلىش، تۈرمىگە تاشلاش ۋە نارازىلىقلارنى باستۇرۇشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلمەكتە.
«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرىم تاتارلىرىنىڭ پېشقەدەم سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن بۇ يىل 82 ياشقا كىرگەن ۋەجىيە قاشقا خانىم 23-نويابىر كۈنى رۇس ساقچىلىرى تەرىپىدىن سىمفېروپول شەھىرىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇ تۇتۇپ كېتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ يەردىكى بىر دوختۇرخانىدا رۇس ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋەجىيە قاشقا خانىم بىلەن بىر كۈندە تۇتقۇن قىلىنغان تاتار سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن بېكىر دېگېرمەنچى، ھاسان چاپۇق ۋە قاسىم ئەمەتوف قاتارلىقلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
82 ياشلىق تاتار سىياسىي پائالىيەتچى ۋەجىيە خانىمنىڭ رۇس دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كېتىشى، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. شۇ كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دونالد تاسك بىلەن ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەنى «بۈگۈنكى قىرىمدا يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق ۋەقە،» دېگەن. ئۇلار، ۋەجىيە قاشقا خانىمنىڭ ھاياتى «قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدا ئۇنتۇلماس بىر تارىخ ياراتتى،» دېگەن.
سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئۇكرائىنا تەۋەلىكىدە تۇرۇپ كەلگەن قىرىم يېرىم ئارىلى 2014-يىلى 3-ئايدا رۇس ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. ستالىن دەۋرىدە ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىك ئورنىدىن مەھرۇم بولغان قىرىم تاتارلىرى 20-ئەسىردىن بۇيان باستۇرۇلۇش، كوللېكتىپ سۈرگۈن قىلىنىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش قىسمەتلىرىگە ئۇچرىغان. تارىخچىلار، 20-ئەسىردىن بۇيان قىرىم تاتارلىرى دۇچ كەلگەن بۇ قىسمەتلەرنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر دۇچ كەلگەن قىسمەتلەر بىلەن سېلىشتۇرما قىلىدۇ.