تاتارىستان پرېزىدېنتى: رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ۋەزىيەت تاتارىستان ئۈچۈن «ناھايىتى نازۇك»تۇر

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.12.27


تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن شەكىللەنگەن ۋە داۋاملىق سوغۇق ھالەتتە داۋاملشىۋاتقان تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەركىبىدىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

«ھازىرقى ۋاقىت تېلېۋىزىيە» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەركىبىدىكى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى رۇستەم مىننىخانوۋ تاتارىستان - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى«سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»»نىڭ تاتارىستان ئۈچۈن «قىيىن ۋە ئازاپلىنارلىق» ھەم «ناھايىتى نازۇك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تاتارىستان پرېزىدېنتى تۈركىيە ۋە تاتارىستان ئارىسىدا قويۇق مەبلەغ مۇناسىۋىتى بارلىقى، يەنى«تاتارىستانغا سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەرنىڭ چارەك قىسمىنىڭ تۈركىيەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە تتارىستان ئىقتىسادى ئۈچۈن 1.5 مىليارد دولار مەبلەغ ساغان بولۇپ، تاتارىستان پرېزىدېنتى سۆزىدە يەنە تاتارىستانىڭ تېخىمۇ كۆپ تۈركىيە مەبلىغىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەبن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر تاتارىستاندا 280 تۈرك شىركىتى ئىش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ئېلان قىلغان بىر يۈرۈش ئىمبارگوسى، جۈملىدىن سودا - ئىقتىسادى ئىمبارگوسىنىڭ تۈركىيە بىلەن زىچ سودا - ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى قىلىۋاتقان تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا ئىدى.

رۇسىيەنىڭ «بىزنېس» تورىنىڭ خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، تاتار پرېزىدېنتى مۇخبىرلارغا تۈركىيەنى رۇسىيە ئۈچۈن دوست خەلق، تاتارلار ئۈچۈن تىلى بىر گۇرۇپپىغا تەۋە، دىنى بىر قېرىنداش خەلق دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن تاتارىستاننىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشنى خالىمايدىغانلىق ئىپادىسى كۆرسىتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.