تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆز تەۋەلىكىدىكى مەكتەپلەردە تاتار تىلىنى قوغداش ھەرىكىتى قوزغىغان

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-سېنتەبىر كۈنى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى تاتار تىلىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى قوغداش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تىل مەسىلىسىدە قىلغان سۆزىنىڭ ھەم رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ۋە رۇسىيە تەۋەسىدىكى مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ يەرلىك قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بۇ يىل 7-ئايدا رۇسىيە تەۋەسىدىكى مارى ئېل جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا سۆز قىلىپ، مىللىي جۇمھۇرىيەتلەردىكى رۇس ئاھالىلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە يەرلىك مىللەتنىڭ تىلىنى زورلاپ تېڭىش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس، دېگەن.

پۇتىننىڭ بۇ سۆزى رۇسىيە فېدىراتسىيەسى تەۋەسىدىكى مىللىي جۇمھۇرىيەتلەردە، بولۇپمۇ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان.

تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي تىلىنى ھاكىمىيەت تىلى قىلىپ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك قانۇنىدىمۇ تاتار تىلىنىڭ رۇس تىلى بىلەن بىرلىكتە بارلىق مەكتەپلەردە مەجبۇرىي ئۆتىلىدىغان قانۇنىي تىل ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

تاتارىستان بىلەن چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە فېدىراتسىيەسى تەۋەسىدىكى سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ سەزگۈر جۇمھۇرىيەتلەر بولۇپ، پۇتىننىڭ رۇسىيە ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ بولغان بۇ سۆزى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

4 مىليون نوپۇسقا ئىگە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 50 پىرسەنت ئاھالىسى رۇسلار بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى يەرلىك تاتار ئاھالىلىرىنىڭ تىل، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي كىملىك جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيەتلەر دائىرىسىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتىكەن.