17-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكتا يۈز بەرگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تايلاندتتىن ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ۋەقە ھەققىدە بايانات بەرگەن باڭكوكتىكى ساقچى باشلىقى چاكتىپ چىجىندا، «باڭكوك شەھەر مەركىزىدىكى ئىبادەتخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە قويۇلغان بىر بومبا سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى ئېنىقلانغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.
18-ئاۋغۇست خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى باڭكوكتىكى پاتلاشنىڭ «ساياھەتچى خىتاي پۇقرالىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان» بۆلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاندتىن ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.تايلاند ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، ۋەقەدە ئۆلگەن 5 كىشىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى، يارىلانغان 120 نەچچە كىشىنىڭ ئىچىدە 20 نەچچە نەپەر خىتاي پۇقراسى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.