تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇيۇقسىز خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى، ياۋروپا ئىتىپاقى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ئورگانلار ھەم دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقىي ئىشلار كومىسسارىياتى 27-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تايلاندنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى، ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق قانۇنلاردا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بىز بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندۇق» دېيىلگەن. باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. شۇ كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك بايانات ئېلان قىلىپ، 11 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى، كىشىنى «چوڭقۇر بىئارام قىلىدۇ» دېگەن.
ۋولكېر تۈرك مۇنداق دېگەن: «بۇ، ناۋادا قايتۇرۇلسا تەن جازاسى، ناچار مۇئامىلە ياكى باشقا تولدۇرۋالغىنى بولمايدىغان زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپى مەۋجۇت ئەھۋاللاردا قايتۇرۇش پۈتۈنلەي چەكلىنىدىغان قايتۇرماسلىق پىرىنسىپىغا خىلاپتۇر». ۋولكېر تۈرك يەنە تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قەپ قالغان باشقا ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىد لامى، تايلاندنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتى ۋە شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىماي، 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىغا «ئەڭ كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن قارشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مېلانېي جولېي، «كانادا 40 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ، تەن جازاسى، قوپال مۇئامىلە، نازارەت، خالىغانچە تۇتقۇن ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىگە مۇپتىلا قىلىنىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، كانادا بۇ مەسىلىنى تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ھەر دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىكەن.
ئاۋسترالىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى پېنىي ۋوڭ 28-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا، تايلاندنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىغا «كۈچلۈك رەۋىشتە قارشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بىز ئەندىشىلىرىمىزنى تايلاند ھۆكۈمىتىگە قايتا-قايتا ئەسكەرتىپ كەلگەن ئىدۇق، بىز ئەمدى بۇ كىشىلەر (قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار)گە مۇئامىلە قىلىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغانلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېگەن.
تايلاند ھۆكۈمىتى 27-فېۋرال كۈنى تاڭ سەھەردە تايلاندنىڭ سامپلا كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەزكىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 40 نەپەر ئۇيغۇرنى جەنۇبىي خىتاي ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىغا قاچىلاپ مەجبۇرىي ھالدا قەشقەرگە يولغا سالغان ئىدى.