ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى رەئىسى جون مولېنار بىلەن بۇ كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى راجا كىرىشنامورتى، 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تايلاند ئەمەلدارلىرىنى كونكرېت ھەرىكەت ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىشنى چاقىرغان. بۇ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال يېقىنقى 11 يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن بېرى، تۇنجى قېتىم تايلاند ئەمەلدارلىرىنى كونكرېت جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ تەلەپ قىلىنىشىدۇر. مولېنار بىلەن كىرىشنامورتى بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 25-فېۋرال، تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان مەزگىللەردە بايانات ئېلان قىلىپ تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغان. باياناتتا، تايلاند ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بەرسە جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ 27-فېۋرال ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مولېنار بىلەن كىرىشنامورتى مۇنداق دېگەن: «تايلاندنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قايتۇرۇپ بېرىشتەك نومۇس قىلارلىق، ئادەمگەرچىلىكتىن خالى قارارى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. تايلاند ئۇلارغا قۇچاق ئېچىشنى خالايدىغان بەزى دۆلەتلەر بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەك، تۈرمە، تەن جازاسى ۋە تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتكە مەھكۇم قىلدى. بۇ ئامېرىكانىڭ بىر ئىتتىپاقدىشى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسى ئۈچۈنمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىشتۇر.»
باياناتتا يەنە: «بۇ قارارنىڭ چىقىرىشىغا شېرىك بولغان ياكى ئۇنىڭدا ئاكتىپ رول ئوينىغان تايلاند ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو جازاسى بېرىش، ئۇلار بۇنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كونكرېت ھەرىكەتلەر ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. دۇنيا شىنجاڭدىكى كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياكى ئۇنىڭ سادىر قىلغۇچىلىرىغا كۆز يۇمسا بولمايدۇ.»
بەزى خەۋەرلەردە، ئانالىزچىلارنىڭ ئامېرىكا قارشى تۇرسىمۇ، ئەمما تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى يەنىلا خىتايغا قايتۇرۇشى، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىپ، ئامېرىكاغا مۇساپە قويغانلىقىنىڭ سىگنالى، دەپ قاراۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.