تايلاند پارلامېنتىنىڭ بىر كومىتېتى باش مىنىستىرنىڭ پارلامېنتقا كېلىپ 40 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان

تايلاند پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى تايلاند باش مىنىستىرى شىناۋاترانىڭ پارلامېنتقا كېلىپ، ئۆتكەن ھەپتە 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

تايلاندنىڭ «خەلقلەر پارتىيەسى» پارلامېنت ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، چېگرا، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ رەئىسى راڭسىمان رومې(Rangsiman Rome)، باش مىنىستىر پوتېرتارىن شىناۋاترا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇنتام ۋېچاياچاي، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مارىس ساڭگىيامپوسانىڭ شەخسەن ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ، بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. تايلاند «مىللەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، راڭسىمان رومې، ئېنىق رەۋىشتە بۇ شەخسلەرنىڭ ۋەكىلىنى ئەۋەتىشى قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى 11 يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 40 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇيۇقسىز خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنى «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتتى» دەپ ئېلان قىلىشى، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئاساسلىق غەرب ھۆكۈمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تەرەپلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

بەزى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك ئىسمىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى خالىغان بولسىمۇ، ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تايلاند «مىللەت» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راڭسىمان رومې، بۇ ۋەقە تايلاندنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈش، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تېخى يېقىندىلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قاتنىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئىشلىرىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق، «تەن جازاسى ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنى چەكلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ 13-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغان.

راڭسىمان رومې «بىز بۇرۇن قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ياخشى بولمىدى» دېگەن. ئۇ يەنە، تايلاندنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە ئۇچرىشىدىن، بولۇپمۇ تېرورلۇق، بۇزغۇنچىلىق ۋە ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ قارار ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ بىر ئاقىۋەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرسە، شۈبھىسىزكى بۇ دۆلەتنىڭ ساياھەت ئىگىلىكىنى ۋەيران قىلىدۇ ھەمدە تايلاند بۇنىڭدىن كېيىن بىخەتەر دۆلەت ئەمەس، دېگەن سىگنالنى بېرىدۇ» دىگەن.

راڭسىمان رومېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بۇ ۋەقە يەنە ئامېرىكانىڭ ئىنكاسىنى قوزغىشى، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك يىللىق دوكلاتىدا تايلاندنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلىتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۈمكىن ئىكەن. راڭسىمان رومې ئاخىرىدا مۇنداق دىگەن: «بۇ كومىتېت ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇش قارارىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ قارارىنىڭ ئەستايىدىل ئويلىشىلغان ياكى ئويلىشىلمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلمەيمەن، ئەمما بۈگۈن بۇ يۈك خەلققە يۈكلەنگەن بولۇشى مۇمكىن».