خىتاي دائىرىلىرى تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

27-فېۋرال كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ «ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ۋە كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى كۆرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 2-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ تورىدا «باياناتچىنىڭ مۇخبىر بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرىسى» نى ئېلان قىلىپ، تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى بەرگەن. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى، خىتاينىڭ تايلاندتىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى ھەققىدە پەرقلىق باياناتلارنى بېرىۋاتقان، يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ «قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىپ ھەم مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇشقا تېزرەك قايتىپ كېلىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقى» نى قەيت قىلىۋاتقان پەيتتە ئېلان قىلىنغان.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى، «خىتاي تەرەپ يۇرتىغا قايتۇرۇلغان بۇ كىشىلەر دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، ئالاقىدار قانۇنىي تەرتىپلەرنى ئورۇندىغاندىن كېيىن، ئائىلىسىگە قايتۇرۇلۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم قىلىنىدۇ» دېگەن. باياناتچى يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاندىن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يەنە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياكى كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى قاتارلىقلارنى ئېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ.»

ھالبۇكى، چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى «كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركەزلىرى» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئورۇنلارنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» نىڭ ئەمەلىيەتتە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تەييارلىق باسقۇچى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلماقتا ئىكەن.

خىتاينىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يەنە «خىتاي تەرەپ تايلاندنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، تايلاند ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتىشىنى، قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھەقىقىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى بىلىشىنى خالايدۇ» دېگەن.