27-فېۋرال خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنىڭ قارارگاھىنى بېكىتكەن تايلاند كاتتىباشلىرىدىن ئۈچ كىشى 18-مارت كۈنى خىتايغا بېرىپ، 40 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى زىيارەت قىلىدىكەن.
تايلاندنىڭ «دۇنيا» ناملىق تاراتقۇسىنىڭ 5-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاندنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پۇمتام ۋىچاياچاي، ئەدلىيە مىنىستىرى پولكول تاۋىسودسوڭ (PolCol Tawee Sodsong)، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارس ساڭىيامپوڭسا (Maris Sangisapongsa) قاتارلىق ئۈچ كىشى 3-ئاينىڭ 18 كۈنى خىتايغا بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە بىۋاسىتە قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىدىكەن.
«تايلاند دۆلىتى» تاراتقۇسىنىڭ 4-مارت چىقارغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پۇمتام ۋىچاياچاي شۇ كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە مەلۇمات بېرىپ، تايلاندىكى 40 ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇشنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە تايلاند ئەدلىيە مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنى قاماپ قويماسلىق ۋە قىينىماسلىققا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ئاندىن بۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاند تەرەپ ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كېتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇلاردىن ئېنىق جاۋاب كەلمىگەن. تۈركىيە تەرەپ پەقەت ئاياللار بىلەن بالىلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پۇمتام ۋىچاياچا يەنە ئۆزلىرىنىڭ 11 يىل كۈتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلىقىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، «رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» 5-مارت خەۋەر بېرىپ، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 48 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىش تەكلىپى سۇنغان بولسىمۇ، تايلاندنىڭ خىتايدىن ئەنسىرەپ، ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.