تايلاندلىق ئادۋوكات تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ سوتقا ئەرز سۇنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.01.30

تايلاندلىق ئادۋوكات چۇچارت كانپاي تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئادۋوكات چۇچارت كانپاي 30-يانۋار پەيشەنبە كۈنى سۇنغان ئەرزنامىسىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۇيغۇرلار 2013-يىلدىن 2025-يىلغىچە 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تۈرمىدە ياتتى. ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتى ئاللىقاچان توشۇپ كەتتى. ئۇلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش قانۇنسىزلىقتۇر. ئۇلار ئەمدى ئەركىنلىككە چىقىشى كېرەك».

ئادۋوكات چۇچارت كانپاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەقتىكى سوت 2-ئاينىڭ 17- كۈنى ئېچىلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر سوتقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئەۋەتىلگەن كىشىلەرنىڭ كۆزەتكۈچى ياكى گۇۋاھچى سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقى مەلۇم.

تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 40 دىن ئوشۇق ئۇيغۇر تۇتقۇننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، كۈچلۈك خەلقئارالىق ئىنكاس قوزغالغان ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى، ھەتتا تايلاندنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قاتارلىقلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن بايانات بېرىپ، بۇ خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى رەت قىلغان. ھالبۇكى، ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلار قاچانكى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە يەرلەشمىگۈچە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.