تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن بىر كۈن كېيىن، يەنى 28-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان پۇقرالىرىغا بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىدا، «بۇنىڭغا ئوخشاش قايتۇرۇش ۋەقەلىرى بۇرۇن زوراۋانلىق ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دېيىلگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىپلوماتلار ۋە ئانالىزچىلار تايلاندنىڭ 2015-يىلى 7-ئايدا 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى، شۇ يىلى 8-ئايدا باڭكوكتىكى بىر ئىبادەتخانىدا بومبا پارتلاپ، 20 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ كۆرسەتكەن. بىراق، تايلاند ھۆكۈمىتى بۇنىڭ شۇ قېتىم 109 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، پارتلاشنى ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىگە باغلىسىمۇ، ئەمما ئىككى ئۇيغۇرنى شۇ قېتىملىق ۋەقەگە چېتىشلىق، دەپ قولغا ئالغان. 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان شۇ قېتىملىق پارتلاش تايلاند تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بومبا ھۇجۇمى، دەپ قارالماقتا.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ياپونىيەنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ، تايلاندتىكى ياپونىيە پۇقرالىرىنى 2015-يىلى باڭكوك ئېرىۋان ئىبادەتخانىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ئاگاھ بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدىمۇ ئېلان قىلىنغان بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتا، ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ ئاگاھ بولۇشىنى، بولۇپمۇ ئادەم كۆپ ساياھەت نۇقتىلىرى، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، رېستوران، مېھمانخانا، سودا سارىيى، ئاممىۋى قاتناش، دىنىي سورۇنلاردىن ھوشيار بولۇشىنى ئاگاھلاندۇرغان. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال 11 يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ «ئۆز ئىختىيارلىقى» بىلەن كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى بېرىشى، كەڭ خەلقئارالىق تەنقىد ۋە نارازىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان. تايلاند ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ «قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈرمەكتە.