تايلاند سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى 2015-يىلى 17-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن باڭكوكتىكى پارتلاشقا چېتىشلىق ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تەرجىمانى ئۆزبېكىستانلىق سىراجىدىن باھادىروفنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇق قىلدى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە، سوتنىڭ مەزكۇر قارارى، پارتلاشقا دائىر بەزى ھالقىلىق سوئاللار جاۋابسىز قالغان ئۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سىرلىق سوتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سىراجىدىن باھادىروف ئۆتكەن ھەپتە يېنىدىن ئازراق مىقداردا نەشە ۋە كەيپ قىلىدىغان بىر خىل كۇمىلاچ دورا چىقىپ قولغا ئېلىنغان. تايلاند سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى بىلال مۇھەممەت بىلەن مىرئەلى يۈسۈپكە تەرجىمانلىق قىلىۋاتقان باھادىروفنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ، داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇق قىلدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باھادىروف «مەن گۇناھسىز، ئۇلار ماڭا تۇزاق قۇردى» دېگەن. باھادىروفنىڭ تەكىتلىشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭ تەرجىمانلىق قىلىشىنى خالىمىغان. ئۇ، «چۈنكى، مەن ئۇيغۇر جامائىتىگە ياردەم قىلىپ كەلدىم» دەپ كۆرسەتكەن.
بىراق فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ساقچىلار باھادىروفنىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. سىراجىدىن باھادىروف بۇ يىل 17-مايدىكى سوتتا بىلال مۇھەممەتكە تەرجىمانلىق قىلغان. بىلال مۇھەممەت مەھكىمىدە تايلاند ھەربىيلىرىنىڭ ئۇنى ئۇرغانلىقىنى ۋە ھالال تاماق بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى شىكايەت قىلغان ئىدى.