تايلاند كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەنقىد قىلغان

تايلاند دائىرىلىرى خىتاي تەرەپنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك بەرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىپ كېتىشىگە يول قويغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن تايلاند كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مەزكۇر 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتىش ئارزۇسىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تايلاند ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلار، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى تايلاندنى خىتاي تەرىپىدىن كونترول قىلىدىغان دۆلەتكە ئوخشىتىپ قويغانلىقىنى، بۇ سەۋەب بىلەن ب د ت نىڭ تايلاندنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئىنگلىزچە بۆلۈمىنىڭ 4-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ پىكىرلەرنى تايلاندىكى خەلقنى كۈچلەندۈرۈش فوندىنىڭ مۇدىرى چالىدا تاچاروئېنسۇك (Chalida Tacharoensuk) تايلاند پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئېچىلغان يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، مۇنداق دېگەن: «ب د ت تايلاندنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چىقىرىۋېتىشنى ئويلىشىشى كېرەك. ئىككى قېتىم تايلاند ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. يېتەرلىك نومۇسسىزلىق بولدى. بىز ئۇيغۇرلارنى ئۈچىنچى قېتىم خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز».

تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى خەلقئارانىڭ قاتتىق قارشىلىقلىرىغا قارىماي، 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەخپىي قايتۇرۇپ بېرىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ھەم ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركۇ رۇبىيو (Marco Rubio 27-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندنىڭ ئاز دېگەندە 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشىنى «مۇمكىن بولغان ئەڭ قاتتىق ئىبارىلەر» بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىد لامى، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانېي جولېي، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېنىي ۋوڭ قاتارلىقلار بايانات ئېلان قىلىپ تايلاندنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىغا «كۈچلۈك رەۋىشتە قارشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەنىدى.