2015-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەزكۇر ئېچىنىشلىق ۋەقەگە 5 يىل تولغان كۈنى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قىسقا ۋىدىيو تارقىتىپ، بۇ ۋەقەنى خاتىرىلىدى ۋە قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاندتا پاناھلىق كۈتۈپ ياتقان بۇ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تايلاند دائىرىلىرى شۇ چاغدا ئامېرىكا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، خىتاينىڭ بېسىمىغا باش ئېگىپ، ئۇيغۇرلارنى يوشۇرۇن ھالدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. خىتاينىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى بىلەن بېشىغا قارا خالتا كىيگۈزۈلگەن ھالدا قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن يالاپ ئېلىپ كېتىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇندىن بېرى ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوق.
ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرىدىن جېنىنى ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر 2014-يىلى مارتتا تايلاند ئارقىلىق مالايسىياغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا، تايلاند ساقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانىدى. ئەينى چاغدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە تايلاند ھۆكۈمىتى كۆپ قىسمى بالىلار ۋە ئاياللاردىن ئىبارەت 170 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بىراق ئۇلار ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتە-ئۆتمەيلا قالغان 109 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇيۇقسىز قوللىرىغا كويزا سېلىپ، بانكوك ھەربىي ئايرودرومى ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن.
نۆۋەتتە تايلاندتىكى ھەرقايسى تۈرمىلەردە يەنە 50 ئەتراپىدا ئۇيغۇر داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتىكى بايانىدا خەلقئارا جامائەتنى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 6 يىلدىن بېرى سەۋەبسىز ھالدا تايلاندتىكى تۈرمىلەردە ناچار شارائىتلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇلارنىڭ باشقا بىر بىخەتەر ئورۇنغا يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.