تايلاند ساقچى تەرەپ پەيشەنبە كۈنىدىكى پارتلاشقا ئائىت يىپ ئۇچى ئىگىلىگەن


تايلاند ساقچى تەرەپ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى تايلاندنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ ئاۋات ساياھەت رايونىدا يۈز بەرگەن ئارقىمۇ - ئارقا پارتلاش ۋەقەسىدە كەم دېگەندە 4 ئادەم ئۆلۈپ، 30 نەچچە ئادەم يارىلانغان.

ۋەقەدىن كېيىن، تايلاند ساقچى تەرەپ بىر قانچە گۇماندارنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، ساقچى تەرەپ بۇ ۋەقەنى بىر شايكىنىڭ بىر كىشىنىڭ قوماندانلىقىدا كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

تايلاند ھۆكۈمىتى مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ باشچىلىقىدىكى ئاساسىي قانۇنغا ئاۋاز بېرىش ۋە 2017 - يىلى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يېڭى سايلامدىن نارازى بولغانلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆكتىچىلەر بۇنداق ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلغان. ئەمما، ھازىرغىچە بىرەر تەشكىلات ياكى شەخس بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقىنى زىممىسىگە ئالمىغان.