تايلاند باڭكوك ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى ئادام قاراداغنى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تايلاند ساقچى دائىرىلىرى جۈمە كۈنى 17‏-ئاۋغۇست باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى ئادام قاراداغنى قانۇن جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئادام قاراداغ پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان 2 گۇماندارنىڭ بىرى. گۇماندارلارنىڭ يەنە بىرى مىرئەلى يۈسۈپ، كامبودژا چېگراسىدا قولغا ئېلىنغان.

تايلاند باش ساقچى باياناتچىسى پراۋۇت توۋېرنسىرى جۈمە كۈنى چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدا ئاشكارىلىشىچە، يەنە بىر ئىسمى بىلال تۈرك بولغان ئادام قاراداغنى سوتلاش ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىل ئىسپات توپلانغان.

ساقچىلار ئادام قاراداغنى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن باڭكوك شەھەر ئەتراپىدىكى بىر بىنا ئۆيدىن قولغا ئالغان. دائىرىلەر ئۇ تۇرۇشلۇق بىنا ئۆيدىن بومبا ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان پارتلاشقۇچ بۇيۇملارنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پراۋۇت توۋېرنسىرى جۈمە كۈنى ئادام قاراداغنىڭ ئېراۋان ھىندى ئىبادەتخانىسى يېنىدا پارتلىغان بومبىنىڭ ئۆزىنىڭ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تايلاند ساقچىلىرى ئىلگىرى بومبىنى سېرىق مايكىلىق بىر بىر ياشنىڭ قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئەمما پراۋۇت جۈمە كۈنى ئادام قاراداغنىڭ شۇ سېرىق مايكىلىق بومبىچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل كۆرسەتمىگەن. تايلاند ھۆكۈمىتى پارتلاشنى ئادەم قاچاقلىرىنىڭ ھەرىكىتى، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پىكرى ئىزچىل گۇمان قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

بۇ يىل 17‏-ئاۋغۇست باڭكوك شەھەر مەركىزىدىكى ئېراۋان ھىندى ئىبادەتخانىسى يېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 20 ئادەم ئۆلگەن. ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە خوڭكوڭلۇق خىتايلار ئىدى.