دۇنيادىكى 130 دىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقاتچى تايلاند باش مىنىستىرى پېتوڭتارىن شىناۋاتراغا مەكتۇپ يېزىپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا، ئۇلارنى بىخەتەر بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.
مەكتۇپتا، ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ ئېغىر جازالىنىش خەۋپىگە دۇچار بولىدىغانلىقى، تايلاندتا 11 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ پەرزەنتلىرى بارلىقى ھەم ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان شارائىتتا ياشاۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. مەزكۇر ئىمزالىق مەكتۇپ يېزىش ھەرىكىتىنى قوزغىغۇچىلاردىن ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچى دەيۋىد توبىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ مەكتۇپقا 21 دۆلەتتىن 130 دىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقاتچى ئىمزا قويغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 9-يانۋار ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ھۆججەتكە ئىمزا قويۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقى، لېكىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىق يەنە ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى بابار بالوچنىڭ «بىز بۇ ھەقتىكى تېخى دەلىللەنمىگەن خەۋەرلەرنى ئېلىش بىلەن بىرگە، دائىرىلەر بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئۇلار بىزگە بۇنىڭ ئەكسىچە كاپالەت بەردى» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ خەۋەر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاھىدە ئەندىشىسىنى قوزغىغان. ھەتتا بۇ مەسىلە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ماركۇ رۇبىئونى ۋەزىپىگە تەيىنلەش گۇۋاھلىق يىغىنىدىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى. مەكتۇپتا، تايلاند ئىلگىرى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 109 نەپەر ئۇيغۇردىن ھېچقانداق خەۋەر يوقلۇقى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى مەلۇم ئەمەسلىكى، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشنىڭ خەلقئارا پرىنسىپلارغا خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندا باستۇرۇشقا ئۇچراش ئەندىشىلىرى مەجبۇرىي تۇغماس، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، خالىغانچە قاماققا ھۆكۈم قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.»
مەكتۇپتا، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىستا-قىستاڭچىلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ھەرىكەت بوشلۇقى بولماسلىقتەك ئىنتايىن ناچار تۈرمە شارائىتىمۇ ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «48 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنىنىڭ مۇتلەق رەۋىشتە خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىنى، ئۇلارنىڭ تېزرەك بىخەتەر جايغا يوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلگەن.