تايلاندتا چىقىدىغان «مىللەت» (The Nation) ناملىق گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇمتام ۋېچايچاي (Phumtham Wechayachai) 17-يانۋار كۈنىدىكى باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىش پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
«مىللەت گېزىتى» نىڭ دېيىشىچە، يېقىندا تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 20-يانۋار دۈشەنبە كۈنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇمتام ۋېچايچاي مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئىلگىرى تايلاند ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ نۆۋەت ئۇنداق پىلانى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.
«مىللەت» گېزىتىنىڭ دېيىشىچە، تايلاندتىكى ‹ئادالەت› ناملىق پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى كاناۋېي سۇبسېڭ فېيسبۇقتىكى ھېسابىدا، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇش مەسىلىسىنىڭ 17-يانۋار كۈنىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى (NSC) يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فۇمتام ۋېچايچاي بۇنداق مۇزاكىرىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئېيتقان.
بىراق ئۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ يېقىندا بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى تايلاندقا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتىپ، «شۇ ئۇچرىشىشتا بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىندى، بىز ئالاقىدار قانۇن رامكىلارنى تەكشۈرۈپ، ھەر قانداق بىر ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تايلاند ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن پەيدا بولغۇسى مەسىلىلەردىن ساقلىنىش لازىملىقىدا چىڭ تۇردۇق» دېگەن. ئۇ يەنە، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇناسىپ تەدبىرلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارغا ۋەزىپە تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تايلاندنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان فۇمتام ۋېچايچاي ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئاتقۇزماقتا ئىكەن.
يېقىندا، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپنىڭ بەك ئېغىرلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەردىن ئۆزلىرىنى بۇ پاجىئەدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت قاتارلىقلار دەرھال بايانات بېرىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرغان.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ تايلاندنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىدا نامايىش قىلىپ، تايلاندنى ئۆزى قول قويغان خەلقئارالىق قانۇنلار بويىچە مۇساپىرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكتە.