تايلاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تۇغۇتنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار دەپ قارالغان

تايلاندتىكى 48 نەپەر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ۋە تايلاند تەرەپ خەلقئارانىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، سوت ئارقىلىق بۇ ئىشنى بىر ياقلىق قىلىشقا مەجبۇر بولغان بىر مەزگىلدە، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ چەت ئەلگە قېچىش سەۋەبى ۋە ئۇچرىغان تىراگېدىيەسىنى خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مىللىي باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە باغلاپ تەھلىل قىلماقتا.

19-فېۋرال، «زىمىستان» تورىنىڭ باش دىرېكتورى ماركو رېسپىنتى (Marco Respinti) «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار قارشى قوراللىرى: تۇغۇتنى چەكلەش ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 11 يىل بۇرۇن تايلاندقا قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاينىڭ تۇغۇتنى چەكلەش سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئۇلارنىڭ بىللە ئېلىپ چىققان بالىلىرىنىڭ بولسا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «نورمىدىن ئارتۇق تۇغۇلغانلار» ھېسابلىنىپ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى، قورساقتىكىلىرىنىڭ بولسا چۈشۈرۈۋېتىلىش خەتىرى بارلىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىنى تاشلاپ، بالىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ خىتايدىن قاچقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بەك ناچار، خىتايدا ئۇلار بانكىدىن ھېساب ئاچالايدىغان ياكى شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئالالايدىغان رەسمىيەتلىرىنى كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خىتايدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان. نېمىشقا ئۇلار بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى ياكى نوپۇس دەپتىرىنى كۆرسىتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بالىلىرى (خىتاينىڭ قانۇنى بويىچە) ‹قانۇنسىز› تۇغۇلغان».

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا نوپۇس سىياسىتى بۇرۇنقىدىن بوشىتىلىپ، 3 پەرزەنتكە يول قويۇلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قويۇلغان تۇغۇت چەكلىمىسى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئەگەر بۇ ئاياللار بالا چۈشۈرۈۋېتىشنى، بالىياتقۇغا تۇغۇت چەكلەش ئەسۋابى ئورنىتىشنى ياكى تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى رەت قىلسا، لاگېرغا تۇتۇلۇش خەۋپىگە ئۇچرايدىكەن.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشىنىڭ بىراقلا 48.7 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. ئادرىيان زېنىز يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ 2021-يىلدىكى 8.4 پىرسەنتتىن كۆپىيىپ، 2040-يىلغا بارغاندا 25 پىرسەنتكە يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ماقالىدە بۇ ئەھۋالغا باھا بېرىلىپ: «بۇ سىياسەت خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئىرقىي تازىلاش شەكلىنىمۇ ئالغان. بۇ رايوننى خىتايلاشتۇرۇش رەھىمسىز مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى، شۇنداقلا ‹ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش›نى مەخپىي ئۇسۇلى».

بۇ ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە قاچماي، تايلاند، بېرما، ۋىيېتنام دېگەندەك دۆلەتلەرگە قېچىشىدىكى بىر سەۋەبىنىڭ، خىتاينىڭ ئەتراپتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن زىچ ئىتتىپاق قۇرغانلىقى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنى ئاسانلا ئۆتكۈزۈپ بېرىش خەۋپى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.