تايلاندتىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «باڭكوك پوچتىسى» گېزىتى 24-فېۋرال كۈنى تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋاقتى كەلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى تايلاندنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى بۇلغىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. تەھرىرات ماقالىسدا، ئۇزۇندىن بېرى تايلاند كۆچمەنلەر مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 49 ياشلىق ئۇيغۇر دېھقان ئەزىز ئابدۇللانىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۆپكە ياللۇغىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، بۇ تراگېدىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، تايلاند ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ 2015-يىلى 3-دۆلەتكە ئەۋەتىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇرلاردىن 100 نەچچە كىشىنى بېيجىڭنىڭ بېسىمىغا باش ئېگىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى تەنقىدلەنگەن، شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇرلاردىن قايتا خەۋەر ئېلىنمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
«ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش ۋاقتى كەلدى» ماۋزۇلۇق تەھرىرات ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى دۇنيانىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، تايلاند ئۈچۈن باڭكوكتىكى بىر ئىبادەتخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئون نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدەك بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىمۇ پەيدا قىلغان. ماقالىدا، تايلاند كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا كۆپ بولسا ئىككى يىللىق جازا بېرىلىدىغانلىقى ۋە جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى، لېكىن «بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئون يىل نەزەربەندتە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ نامۇۋاپىق» بولغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تايلاند بۇرۇن بىر قېتىم ئاۋسترالىيە دۆلەت تەۋەلىكىنى ساقلاۋاتقان بەھرەيىنلىك پۇتبولچى ھاكىم ئەل-ئالايبى 2019-يىلى تايلاندتا تۇتقۇن قىلىنغاندا ئۇنىڭ مەسىلىسىنى يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلغانىكەن. ماقالىدا، بۇنىڭ چەتئەل كۈچلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشتىكى ئەۋزەل بىر ئۆرنەك ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، تايلاند دائىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە «نېمە ئۈچۈن بۇ يولنى سىناپ باقمايدىغانلىقى» سورالغان. تايلاندتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە تايلاند كۆچمەنلەرنى تۇرۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا تەخمىنەن 50 تەك ئۇيغۇر مۇساپىرى تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.