تايلاند مۇساپىرلار مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن يەنە بىرى ۋاپات بولغان

تايلاند پايتەختى باڭكوك شەھىرىدىكى بىر مۇساپىرلار مەركىزىدە 2014-يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن يەنە بىر كىشى 23-ئاپرېل كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. بۇ يېقىنقى 2 ئايدىن بېرى تايلاند مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كېسەل سەۋەبلىك ۋاپات بولغان 2-كىشىدۇر. بۇنىڭدىن 2 ئاي ئاۋۋال 2014-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بېرى تايلاند مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە قامالغان ئۇيغۇرلاردىن ئەزىز ئابدۇللا ئىسىملىك كىشى كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانىدى.

ئۇنىڭ ۋاپاتى تايلاند ۋە چەتئەل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدا ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا تۇتقۇندىكى مەزكۇر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تۈرمە شارائىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا بولغان جىددىي ئەندىشە قوزغىغان، شۇنىڭدەك تايلاند ھۆكۈمىتىدىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمە شارائىتىنى ياخشىلاش، ئۇلارنى 3-بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش چۇقانلىرى كۈچەيگەنىدى. تايلاندتىكى «خەلقلەرنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى تەشكىلاتى» مۇ تايلاند پارلامېنتى ۋە تايلاند دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تۈرمە شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغانىدى.

چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنغان ھەم ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 41 ياشلىق مەتتوختى مەتقۇربان 23-ئاپرېل ۋاپات بولۇپ، نامىزى باڭكوكتىكى بىر مەسچىتتە چۈشۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنغان. خەۋەرلەردە، 1982-يىلى تۇغۇلغان مەتتوختى مەتقۇرباننىڭ خوتەن كېرىيە ناھىيەسىدىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ قانداق كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانلىقى، ئۇنىڭ قاچاندىن بېرى تايلاند مۇساپىرلار لاگېرىدا يېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار تېخى ئېنىقلانمىدى.

لېكىن تايلاندتىكى «خەلقلەرنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى تەشكىلاتى» بۇ يىل 2-ئايدا ۋاپات بولغان 49 ياشلىق ئەزىز ئابدۇللانىڭ ئ‍ۆپكە ياللۇغىدىن ۋاپات بولغان بولۇشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.