شىمالىي ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ، تايلاند مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار 5-ماي كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون، نيۇ-يورك، بوستون، كانادانىڭ مونتېرىيال، تورونتو قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ھەم كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا بەزى چەتئەل دۆلەتلىرىدە نامايىش قىلىپ، 10 يىلدىن بېرى تايلاند مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. نامايىشتا «لاگېردىكى ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلسۇن، ئەمدى يەنە ئۆلۈشىگە بولمايدۇ»، «تايلاند خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قوللاشنى توختاتسۇن»، «تايلاند ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇشقا خاتىمە بەرسۇن، 9 يىل يېتىپ ئاشىدۇ» دېگەن شوئارلار توۋلاندى، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ تايلاند لاگېرىدا ئۆلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تايلاندنى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون، نيۇ-يورك قاتارلىق شەھەرلەردىكى نامايىشنى «ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى»، كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ھامان ئەركىنلىك» قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ۋاشىنگتوندىكى نامايىشتا تايلاندنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تانې سانگراتقا گە مەكتۇپ سۇنۇلدى. مەكتۇپتا، «بىز ھۆكۈمىتىڭىزنى تايلاندتىكى قېلىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى ۋە باشقا دۆلەتكە بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىڭلارنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئۈندەيمىز» دېيىلگەن.

«‍ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىرنىڭ نامىدىن يېزىلغان مەكتۇپتا يەنە يېقىندا مەتتوختى ئىسىملىك تايلاند لاگېرىدا 10 يىلدەك تۇتۇپ تۇرۇلغان بىر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى، ئۇنىڭ ۋاپاتى ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قايغۇغا سالغانلىقى تەكىتلەنگەن. يېقىندا 2014-يىلدىن بېرى تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كېرىيەلىك ئۇيغۇرلاردىن مەتتوختى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر مۇساپىرى لاگېردا ۋاپات بولغان. ئۇ يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە تايلاند لاگېرىدا ۋاپات بولغان ئۇيغۇرلاردىن 2-كىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئەزىز ئابدۇللا ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر مۇساپىرى ۋاپات بولغان.

بۇ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاپلا قالماي، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىمۇ لاگېرنىڭ شارائىتى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتكەن ئىدى. تايلاندنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە سۇنۇلغان مەكتۇپتا يەنە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلىشى، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىغا يول قويۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان. تايلاندنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش، 5-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 4 كېچە داۋاملاشقان.