50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى تايلاندنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

دۇنيادىكى 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى 8-ئىيۇل كۈنى، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىق ئېلان قىلىپ، تايلاند دائىرىلىرىنى تايلاند تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدىكى 52 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. چاقىرىقتا، «ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەرنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغان بىخەتەر 3-بىر دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى» نى تەلەپ قىلغان. چاقىرىقتا تەكىتلىنىشىچە، «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەۋجىگە چىققان بىر ۋاقىتتا، خىتاي سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچراش، نۇرغۇن ئەھۋاللاردا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشتەك خەۋپكە دۇچ كېلىپ، قوغدىلىشقا جىددىىي ئېھتىياجى چۈشمەكتە» ئىكەن.

بۇ چاقىرىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلۇپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغداش تەلەپ قىلىنغان، كانادا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە كۆچمەنلەر كومىتېتلىرى ھۆكۈمەتكە تەلەپ قويۇپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئالاھىدە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىپ، ئۇلارنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. چاقىرىقتا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە 52 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرى 8 يىلدىن بېرى ئىنتايىن ناچار، غەيرىي ئىنسانى شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردىن ئاز دېگەندە 3 ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنى ئۆز ‍ئىچىگە ئالغان 2 ئادەم ئ‍ۆلگەن. قالغانلار مۇۋاپىق داۋالىنىشقا ئېرىشەلمەسلىك نەتىجىسىدە جىسمانىي ۋە روھىي دەپسەندىچىلىككە ئۇچراپ كەلمەكتىكەن.

2013-يىلدىن 2015-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتاينىڭ سىياسىي ۋە دىنىي زىيانكەشلىكىدىن قاچقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ شەرقىي-جەنۇبىيدىكى ئ‍ۆلكە-ئاپتونوم رايونلاردىن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قاچقان. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تايلاند، ۋىيېتنام، كامبودژا، بىرما، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇتۇلۇپ قېلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. تايلاند ھۆكۈمىتى 2015-يىلى 7-ئايدا ئاز دېگەن دە 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايدىن كەلگەن مەخسۇس بىر ئايروپىلانغا سېلىپ، بېيجىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. شۇنىڭدىن بېرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرى ئېلىنمىغانىدى.