تايلاند سوتچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالال يېمەكلىك تەلىپىنى قوبۇل قىلدى

«بېنار خەۋەرلىرى» (Benar News) نىڭ 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تايلاند سوتچىسى دۈشەنبە كۈنى «تېررور گۇماندارى» دەپ قارىلىپ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تايلاند تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ھالال يېمەكلىك تەلىپىنى قوبۇل قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2015-يىلى تايلاندتا يۈز بەرگەن يېرىۋان ئىبادەتخانىسىدىكى بومبا پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىلىپ ئەيىبلەنگەن ئادەم قاراداغ ۋە يۈسۈپ مىرئەلى يېقىندا سوتچىدىن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇلار بەكلا ئورۇقلاپ كەتكەن بولغاچقا، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ سوتقا قاتناشقان. بۇ ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ تايلاندتىكى جاپالىق ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى مۇنداق يەكۈنلىگەن: «سالامەتلىكىمىز كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ناچارلاشتى، تاماقنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئاستا خاراكتېرلىك قورساق كۆپۈشكە گىرىپتار بولۇپ 10 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئورۇقلاپ كەتتۇق. ئاشقازىنىمىزمۇ داۋاملىق ئاغرىيدۇ».

ئۇلا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇلار بىزگە ھالال يېمەكلىك بېرىپ باقمىدى. بىز ئۇلارغا چوشقا گۆشى يېمەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا چوشقا گۆشى سالمىغان، دەپ بىزگە چوشقا گۆشىدە ئەتكەن تاماقلارنى بەردى. بىز تاماق يېگەندە ئۇنىڭدىن چوشقا گۆشى ۋە توخۇنىڭ قېنىنى بايقىدۇق. بىز بۇلارنى يېمەيمىز. ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن مۇۋاپىق تاماق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

تايلاند سوتچىسى ئىككى ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ تەلىپىنى ئاڭلاپ چىققاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ دىنىي ھوقۇقى بويىچە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى بۇيرۇغان. ئۇلار سوتتىن بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ قېتىم ھالال يېمەكلىك تەلەپ قىلغان بولسىمۇ سوتچى رەت قىلغان ئىكەن.

بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سوتى دەسلەپتە ھەربىي سوتتا باشلانغان بولۇپ، كېيىن جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە يۆتكەلگەن. بۇ دېلو خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى تەخمىنەن 180 دەك ئۇيغۇر ئايال ۋە بالىنى تۈركىيەگە يولغا سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ئەر ۋە ئايال بولۇپ تەخمىنەن 120 دەك كىشىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇنىڭدىن سىرت 50 نەچچە ئۇيغۇر مۇساپىرى ھازىرغا قەدەر تايلاند كۆچمەنلەر مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.