رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جياڭ يېفېي ۋە دۇڭ گۇاڭپىڭ ئىسىملىك ئىككى خىتاي پۇقراسى بۇ يىل تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوك شەھىرىگە قېچىپ كەلگەندىن كېيىن 14 - نويابىر كۈنى خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە بېيجىڭغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى. 29 - نويابىر كۈنى ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئالىي كېڭىشى تايلاندنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئىككىيلەننىڭ ب د ت قوبۇل قىلغان ۋە كانادادا يەرلىشىشنى كۈتۈۋاتقان مۇساپىرلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان شۇنداقلا تايلاندنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بار تۇرۇقلۇق خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، بۇ ئىككى مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.
تايلاند تەرەپ بولسا بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، بۇ ئىككىيلەننىڭ ب د ت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مۇساپىرلار ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، بۇنىڭ بىر ئۇقۇشماسلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدىمۇ تايلاند ھۆكۈمىتى خىتايدىن قېچىپ چىققان 100 نەچچە ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، خەلقىئارا كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا جىسمانىي قىيىن - قىستاققا ئېلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى.
خىتايغا قايتۇرۇلغان جياڭ يېفېينىڭ ئايالىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئېرى باڭكوكتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقاندا ئۆزلىرىنى ب د ت دىن كەلدۇق دەپ تونۇشتۇرغان خىتاي خادىملار ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇشى لازىملىقىنى ئېيتقان،. كېيىن ئۇلار ئىمزا قويغان تايلاند يېزىقىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا رازى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تىلخەت ھۆججىتى ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
ئەل - جەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككىيلەن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان ئىكەن.