تايلاند سوت مەھكىمىسى 43 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىدە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنى سوتقا چاقىرماقچى

رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، تايلاند سوت مەھكىمىسى 18-فېۋرال كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ، تايلاند تۈرمىسىدە 10 يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغان 43 ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى 2025-يىلى 27-مارتتا سوتتىكى سوئال-جاۋابقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تايلاندىكى ئادۋوكات چۇچارت كەنپاي (Chuchart Kanpai) 29-يانۋاردا سوتقا تەلەپنامە سۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەنلىكى سەۋەبىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋاقتىنىڭ ھېلىمۇ يېتىپ ئاشىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى قويۇپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

تايلاند سوت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇراجىئەت قىلغۇچىنىڭ ئىسپات سۆزى ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئەگەر سوت تەلەپنامىنىڭ دەلىللىرى كۈچلۈك دەپ قارىسا، تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى 27-مارت كۈنى سوتقا چىقىشقا بۇيرۇيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر 43 ئۇيغۇر باڭكوكتىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە بولۇپ، قالغان بەش ئۇيغۇر «قېچىشقا ئۇرۇنغان» دېگەن سەۋەب بىلەن تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. يېقىندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئەندىشىلەردە بولۇشنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئادۋوكات چۇچارت كەنپاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 43 ئۇيغۇرنىڭ ئىشى كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە بىر ياقلىق بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇش قانۇنسىز دەپ قارالسا، سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى ئۇلار ئۈچىنچى دۆلەتكە قايتا ئورۇنلاشقانغا قەدەر تايلاندتا ۋاقىتلىق تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن باشقا ئورگانلارغا بۇيرۇپ بېرىدۇ». تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سوتنىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بېسىمغا ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇر ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ تۈرلۈك زۇلۇملىرىدىن قېچىپ چەتئەل سەپىرىگە ئاتلانغان ھەمدە تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان 400 چە ئۇيغۇرنىڭ ئاخىرقى گۇرۇپپىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلاردىن 109 نەپىرى ئەينى ۋاقىتتا خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، زور خەلقئارا تەنقىدلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى.