تايلاند ساقچى دائىرىلىرى: «قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ھېچ بىر دۆلەتكە بېرىۋېتىلمەيدۇ»

بۈگۈن تايلاند ساقچى دائىرىلىرى بايانات بېرىپ، ئەگەر قاماقخانىدىن قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار تۇتۇلغان تەقدىردە ھېچقانداق بىر دۆلەتكە بېرىۋېتىلمەيدۇ، دېگەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قاماقخانىسىدىن دۈشەنبە كۈنى تامنى تېشىپ ۋە ئەدىياللىرىنى ئارقان قىلىپ تۇرۇپ قېچىپ كەتكەن 25 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇندىن 5 نەپىرى تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئالدىنقى كۈنى تۇتۇلغان. ئۇلاردىن يەنە بىر نەپىرى بۈگۈن تۇتۇلغان.

خىتاي دائىرىلىرى تۈنۈگۈن تايلاند ھۆكۈمىتىدىن قاماقخانىدىن قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار تۇتۇلغاندا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. تايلاند ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ياردەمچى باياناتچىسى كرىسسانا پاتاناچارون بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى ھەرقانداق بىر دۆلەتكە بېرىۋەتمەيدىغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى ئۇلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىملىك ئېنىقلاش تەكشۈرۈشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تايلاند دائىرىلىرى 2014 يىلى تۇتقۇن قىلغان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئالدىنقى يىللىرى بىر قىسمىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ۋە بىر قىسمىنىڭ تۈركىيەگە كېتىشىگە يول قويغان. نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 60 چە ئۇيغۇرنىڭ تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى خەلقئارا جامائەتكە مەلۇم.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتايدا ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە ئۇلارنىڭ قېچىش سەپىرىدە تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ كىملىك مەسىلىسى، يەنى دۆلەت تەۋەلىكى مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئەسكەرتىلگەن.