خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تايلاند باش مىنىستىرى پېتوڭتارىن شىناۋاترا خىتاي بىلەن ھەر تۈرلۈك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ تايلاندتىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەرگەندە، ئۆزىدىمۇ «خىتاي قېنى» بارلىقىنى ئېيتقان.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، پېتوڭتارىن شىناۋاترا بۇ سۆزنى 6-فېۋرال كۈنى خىتاي «خەلق گېزىتى» نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېگەن. پېتوڭتارىن شىناۋاترا تايلاندنىڭ سابىق باش مىنىستىرى تاكسىن شىناۋاترانىڭ قىزى بولۇپ، بۇ ئائىلىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭدۇڭغا تۇتىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنىدىكەن.
پېتوڭتارىن شىناۋاترا ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى خىتاي زىيارىتى ھەمدە تۇنجى چەتئەل زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
شىناۋاترانىڭ 5-فېۋرالدىن 8-فېۋرالغىچە ئېلىپ بارىدىغان 4 كۈنلۈك زىيارىتى، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى كۈچەيگەن ھەمدە خەلقئارا بۇنىڭغا جىددىي دىققەت قىلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. گەرچە، تايلاند مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇمتام ۋېچاياچاي ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغالغاندىن كېيىن بايانات بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى خەۋپنىڭ يەنىلا ئاياغلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بولۇپمۇ، تايلاند باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىم خىتاي بىلەن ئۇل ئەسلىھە، توكلۇق ئاپتوموبىل، تور سودىسى ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق كەڭ ساھەدە ھەمكارلىقىنى مىسلىسىز كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە.