خىتاينىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى بۈگۈن قىلغان بىر سۆزىدە، تايلاندتىكى بومبىلىق ھۇجۇمنى ھېچقانداق ئىسپاتسىزلا ئۇيغۇرلارغا چېتىشنى خاتا، دەپ ئەيىبلىگەن.
«جەنۇبىي جۇڭگو سەھىرى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەلچىخانا باياناتچىسى مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، تايلاندتىكى بەزى خەۋەرلەردە بۇنى ئۇيغۇرلار تايلاندتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن خەۋەرلەرنىڭ چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ «بۇنداق بىر ۋەقەنى ھېچقانداق ئىسپات كۆرسەتمەي تۇرۇپ بىر كىشىگە چېتىۋېلىش ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك» دېگەن. ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ،«تايلاند ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تېخى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتىدۇ، شۇڭا ھېچكىم بۇنداق بىر يەكۈننى چىقىرىشقا ئالدىرىماسلىقى كېرەك» دېگەن.
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇنداق بىر باياناتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. تېخى ئالدىنقى كۈنىلا تايلاند ھۆكۈمىتى سېرىق مايكا كىيگەن كۆز ئەينەكلىك بىر ياشنىڭ ئاساسلىق گۇماندار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەنىڭ «ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بولۇش ئېھتىمالنى چەتكە قاقمايمىز» دېگەن ئىدى. ساقچى تەرەپ بۇ گۇماندارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق، ياۋروپالىق ياكى ئوتتۇرا شەرقلىقلىكلەرگە ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بىراق، بۈگۈن تايلاند ھۆكۈمىتى يەنە بايانات بېرىپ، ۋەقەنىڭ چەتئەللىك تېررورچىلار بىلەن ئالاقىسى يوقتەك كۆرۈنۈۋاتقانلىقىنى، سېرىق مايكىلىق گۇماندارنىڭ تايلاندلىق بولۇشى ۋە ئۇنىڭ چەتئەللىكلەردەك ياسىنىۋالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى جاكارلىدى.