كانادا ھۆكۈمىتى تايلاندنىڭ ئىككى نەپەر پاناھلانغۇچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى فرانچويىس لاسېللا چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىنغان ۋە يېقىندا كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان بۇ ئىككى پاناھلانغۇچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ، دېگەن. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ۋە تايلاند ھەر ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان.
14-نويابىر كۈنى، تايلاند ھۆكۈمىتى خىتايدىن قېچىپ كەلگەن جاڭ يېفېي ۋە دۇڭ گۇاڭپىڭ ئىسىملىك ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسىنى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككىيلەن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.
تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ئايدا شۇ يەردە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان 100 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.