خوڭكوڭدىكى «كۈنلۈك ئىنقىلابى» دەپ نام بېرىلگەن زور كۆلەملىك ئوقۇغۇچىلار نامايىشنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان جوشۇا ۋاڭنىڭ تايلاندقا كىرگۈزۈلمەي خوڭكوڭغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى ئۆتكەن يىلى تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 100 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ مەسىلىسىنى قايتىدىن مەتبۇئاتلارنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كەلدى.
بۈگۈن، ۋال سىترىت ژۇرنىلى، گاردىيان گېزىتى، كۇارتىز ژۇرنىلى قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللار ھەممىسى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە «تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خۇددى خىتاينىڭ بۇيرۇق بەجا كەلتۈرگۈچىسى» گە ئوخشاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
خەۋەرلەردە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن تايلاندتا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان 100 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ھازىر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېنىقسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلار شۇنداقلا يۇقىرىدىكى بۇ ۋەقەلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئۈستىدىكى بېسىم ۋە تەسىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە زورىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى نىكولاس بىكۇلىن كۇارتىزغا قىلغان سۆزىدە، 2008- ۋە 2009-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن خىتايغا قوشنا ئەللەرگە جېنىنى ئېلىپ قېچىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ دۆلەتلەرگە قاراتقان بېسىمىنى زورايتقانلىقىنى ئېيتقان.
جوشۇا ۋاڭ ئەسلىدە تەكلىپكە بىنائەن تايلاندىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا نۇتۇق سۆزلەش ئۈچۈن يولغا چىققان بولۇپ، تايلاند چېگرا دائىرىلىرى سەۋەب كۆرسەتمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭ تايلاند چېگراسىدىن كىرىشىگە يول قويمىغان ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن تايلاند چېگرا ساقچى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پرۇتىپوڭ ۋاڭنىڭ خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى ۋە شۇ سەۋەبتىن چېگرادىن كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق ئۇ كېيىن بۇ سۆزىدىن تېنىۋالغان. كېيىن تايلاند ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنى خىتايدىن «بىۋاسىتە بۇيرۇق» ئېلىپ قىلمىغانلىقىنى، پەقەت يۈز بەرگۈسى سىياسىي كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى.