بۈگۈن خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىشىچە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 25 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر قاماقخانىدىن قاچقان.
تايلاند دائىرىلىرىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، 25 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر دۈشەنبە كۈنى تايلاندتىكى قاماقخانىنىڭ تېمىنى تەشكەن، ئاندىن ئەدىياللىرىدىن ئارقان سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، قاماقخانىدىن ئېسىلىپ چۈشۈپ قېچىپ كەتكەن. تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يىغىۋاتقان قاتتىق يامغۇرنىڭ ئاۋازى ئۇلارنىڭ قاماقخانىدىن تۇيدۇرماي قېچىپ كېتىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە قاماقخانىدىن قاچقان 25 ئۇيغۇردىن 5 نەپىرى تۇتۇلغان، قالغان 20 نەپىرى قېچىپ يۈرمەكتىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇلار 2014-يىلى تايلاندتا تۇتۇلغان 200 چە ئۇيغۇردىن قېپ قالغانلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. تايلاندتا تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى، خىتاي تەرەپ بولسا، بۇلارنىڭ خىتاي ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تايلاند دائىرىلىرى ئالدىنقى يىلى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.
خىتاي ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئېلىپ ماڭىدىغان چاغدا ئۇلارغا «تېررورچى» لارغا خاس مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. تايلاند دائىرىلىرى شۇنىڭدىن كېيىن قولىدا قېپقالغان ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئىچىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنى ئاساس قىلغان بىر تۈركۈمىنىڭ تۈركىيەگە كېتىشىگە يول قويغان ئىدى.
خەلقئارا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن قېچىپ چىققان مىڭلارچە ئۇيغۇر شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق رەسمىيەتسىز ھالەتتە تۈركىيەگە يېتىپ بارغان.