باڭكوك پارتلىتىش ھۇجۇمىدىكى ئىككى گۇماندار سوتتا ئۆزلىرىنىڭ قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بارلىق جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلدى

باڭكوكتا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارلىرى دەپ قولغا ئېلىنغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سەيشەنبە كۈنى باڭكوكتىكى بىر ھەربىي سوتتا ئۆزلىرىنىڭ قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ئارتىلغان بارلىق جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئادەم قاراداغ بىلەن مىرئەلى يۈسۈف ئىسىملىك 2 ئۇيغۇر پارتلىتىش ھۇجۇمىنى پىلانلاش ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق 10 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ناھەق ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ساقچىلار ئىككى گۇماندارنى قولىغا تاقاق، پۇتلىرىغا كىشەن سېلىنغان ھالدا يالاڭئاياق يالاپ كىرگەن. سوتقا مۇخبىرلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ سۈرەتكە تارتىشىغا يول قويۇلمىغان.

15-فېۋرال يەنى سوت ئېچىلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال ئادەم قاراداغ يەنى (بىلال مۇھەممەد) ئىسىملىك گۇماندار ئادۋوكاتى ئارقىلىق تايلاند ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىنى قىيىن-قىستاققا ئېلىپ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، تايلاند دائىرىلىرىنى ئوچۇق-يورۇق بولۇشقا چاقىرماقتا. 2015-يىلى 17-ئاۋغۇستتىكى باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىدە 20 ئادەم ئۆلگەن، 120 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي ساياھەتچىلەر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. تايلاند دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن 17 ئادەمنى گۇماندار دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلاردىن ئىككى كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.